ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەلىك بېلىقچىغا ئوق چىقاردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن 6 مىل دائىرە ئىچىدىكى بېلىق تۇتۇش رايونىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەفاھ دېڭىز تەۋەلىكىدە پەلەستىنلىك بېلىقچىغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە نەتىجىدە بىر كىشى ئېغىر يارىدار بولۇپ، كېمىگە ئوت كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

170238
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەلىك بېلىقچىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەلىك بېلىقچىغا ئوق چىقاردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى تۈپەيلى بىر نەپەر غەززەلىك بېلىقچىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن 6 مىل دائىرە ئىچىدىكى بېلىق تۇتۇش رايونىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەفاھ دېڭىز تەۋەلىكىدە پەلەستىنلىك بېلىقچىغا ئوق چىقارغانلىقى ۋە نەتىجىدە بىر كىشى ئېغىر يارىدار بولۇپ، كېمىگە ئوت كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
26 – ئاۋغۇستتا ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تۇزۇلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە بېلىق تۇتۇش دائىرىسى 6 مىل بولۇپ بەلگىلەنگەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتە ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە توپا ئىتتىرگۈچى ماشىنىلار غەززەنىڭ شىمالىدىكى بەيت لەھيا ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە بېسىپ كىرىپ، زىيان سالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ۋەقە ھەققىدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر