يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 33 ئادەم ئۆلدى
يەمەننىڭ ئىبب شەھىرىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 33 ئادەم ئۆلدى.
167333
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ ئىبب شەھىرىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىگە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 33 ئادەم ئۆلدى. ئىبب شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ھۇسىلەر مەۋلۇد قاندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن ھۇسىلەرگە تەۋە قوراللىق قىسىملار رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.