ئادرىياتىك دېڭىزىدا كېمە پاجىئەسى يۈز بەرگىلى تاسلا قالدى

ئادرىياتىك دېڭىزىدا ئۈچىنچى بىر كېمە پاجىئەسى يۈز بەرگىلى تاسلا قالدى.

167337
ئادرىياتىك دېڭىزىدا كېمە پاجىئەسى يۈز بەرگىلى تاسلا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەينى-كەينىدىن ئىككى كېمە پاجىئەسى يۈز بەرگەن ئادرىياتىك دېڭىزىدا ئۈچىنچى بىر كېمە پاجىئەسى يۈز بەرگىلى تاسلا قالدى.
كۆپىنچىسى سۈرىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلارنى ئېلىپ ماڭغان كېمە ساھىلغا سوقۇلۇپ كېتىشكە ئازلا قالغاندا ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى. ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى قانۇنسىز كۆچمەن ئېلىپ ماڭغانلىقىدىن گۇمان قىلغان كېمىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
كېمىگە چىققان قىسىملار كېمە خادىملىرىنىڭ كېمە يۆنىلىشىنى ساھىلغا سوقۇۋېتىدىغان شەكىلدە تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن كېمىدىن قېچىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. دەل ۋاقتىدا قىلىنغان ھەرىكەتتە كېمىدىكى 900 قانۇنسىز كۆچمەن ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
كېمىدە تۆت كىشىنىڭ جەسىتى چىقتى، ساق-سالامەت قۇتقۇزۇپ قېلىنغان باشقا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىچىدە ھامىلە بىر ئايالنىڭ بارلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى. كېمە سەيشەنبە كۈنى گىرىتسىيەنىڭ كورفۇ ئارىلىدا سىگنال بەرگەن، گىرىتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى كېمىنى كونترول قىلىپ چىققان بولسىمۇ، مەسىلە بايقمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر