خىتايدا مۇھىتنى بۇلغىغان شىركەتلەر قاتتىق جازالانماقتا

خىتايدا سۇ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان بىر نەچچە شىركەت قاتتىق جازالاندى.

167304
خىتايدا مۇھىتنى بۇلغىغان شىركەتلەر قاتتىق جازالانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتايدا سۇ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان شىركەتلەرنى قاتتىق جازالىدى.
تەيجو شەھىرىدىكى 25مىڭ توننا زەھەرلىك ماددىنى دەرياغا تاشلىغان 6 شىركەتكە 160 مىليون يۇەن تۆلەم جازاسى بېرىلدى.
بۇ شىركەتلەرنىڭ 14 خادىمى 6 ئاي ئىلگىرى 2 يىلدىن 6 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپرېل ئېيىدا مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مۇھىت قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنىدى.
دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتايدا بۇنىڭ بەدىلىنى مۇھىت بولۇپمۇ سۇ بايلىقلىرى تۆلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر