بىرلەشمە كۈچلەر ئى ش ئى د نىڭ قارارگاھلىرىنى بومباردىمان قىلدى
بىرلەشمە كۈچلەر ئى ش ئى د نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى قارارگاھلىرىنى ئۆزلۈكسىز بومباردىمان قىلماقتا.
166606
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئىرادە ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ سۈرىيەدە 7، ئىراقتا 8 جاينى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيەنىڭ كوبانى بازىرى ئەتراپىدا 6، دەيرۇززۇر ئەتراپىدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئى ش ئى د قا تەۋە بىنا، تاكتىكا قىسىملىرى ۋە ئارقا سەپ كونتېينىلىرى بىتچىت قىلىندى.
ئىراقنىڭ بەيجى، مۇسۇل، رامادى، فەللۇجە ۋە ئەلقائىم شەھەرلىرى ئەتراپىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئى ش ئى د قا تەۋە كۆپلىگەن جايلار بومباردىمان قىلىندى.