بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى

قارار لايىھەسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلاتتى.

166257
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىندى.
قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 9 ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىدىن ھېچبىرىنىڭ ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك ئىدى.
فىرانسىيە، ئىيوردانىيە، چىلى، ئارگېنتىنا، چاد، ليۇكسېمبۇرگ، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى، شۇنداقتىمۇ قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتى بولغان 9 ئاۋازغا يەتمىدى.
ئاۋازغا قويۇشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېتو ھوقۇقىنى ئىشلەتتى.
ئاۋىسترالىيە قارار لايىھەسىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى؛ ئەنگلىيە، لىتۋانىيە، نىگېرىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە رۇئاندا بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى، ئىسرائىلىيەنىڭ 1967 – يىلدىن بۇرۇنقى چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىشىنى نىشان قىلاتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قارار لايىھەسىگە باشتىن تارتىپلا ئىزچىل قارشى چىقىپ، مەسىلىنىڭ مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر