بىر تۈركۈم گۇانتانامو مەھبۇسلىرى قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 5 كىشى قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

166935
بىر تۈركۈم گۇانتانامو مەھبۇسلىرى قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، 3 يەمەنلىك مەھبۇس بىلەن 2 تۇنىسلىق مەھبۇسنىڭ سەيشەنبە كۈنى گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن ھاۋا يولى ئارقىلىق قازاقىستانغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر 5 مەھبۇسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ كۆپىنچە مەھبۇسلارنى ئەيىبلىمەستىن، سوتلىماستىن تۇتۇپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشىدىن كېيىن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۈشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.

قازاقىستاننىڭ مەزكۇر مەھبۇسلارنى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سۆھبەت نەتىجىسىدە قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ يىل ئىچىدە 28 مەھبۇسنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇغان بولۇپ، بۇ 2009- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە يەنە بىر تۈركۈم مەھبۇسلار يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يۆتكەشتىن كېيىن گۇانتانامودىكى مەھبۇس سانى 127 گە قىسقارغان بولدى.

يېقىنقى يىللاردا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مەھبۇسلارمۇ گۇانتانامو تۈرمىسىدىن چىقىرىلىپ باشقا ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر