ئى ش ئى د نىڭ بىر ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئەلھادىرا رايونىدا بىر ھەربىي ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

163762
ئى ش ئى د نىڭ بىر ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە بىر رادىيونىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدىكى بەلەد ئىستانسىسى ئەتراپىدا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى گۆرۈگە ئېلىنغان.

خەۋەردە، چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايروپىلاننىڭ قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى، بۇ ھەقتە نە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر، نە ئىراق تەرەپ ھازىرغىچە ھېچقانداق باياناتمۇ بەرمىدى.

ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرگە تەۋە بىر ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئىيوردانىيە ئارمىيەسى ئايروپىلاننىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئى ش ئى د تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر