ھەلەبتە ئى ش ئى د نىڭ نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرى ھەلەبنىڭ جارابلۇس ناھىيەسىدىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنانى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

163844
ھەلەبتە ئى ش ئى د نىڭ نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم تۈنۈگۈن (28 – دېكابىر) سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان جارابلۇس ناھىيەسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە يەرلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ جارابلۇستىكى بىر مەدەنىيەت مەركىزىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ۋە بومباردىماندا كۆپ ساندا ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئى ش ئى د نىڭ ئۈچ قەۋەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنى تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يەرلىك پىدائىيلار، بىنانىڭ بومباردىماندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئى ش ئى د نىڭ قول ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇنبىج ناھىيەسىمۇ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر