يەنە بىر دىنىي ئۆلىما ئۆلتۈرۈلدى

پەيشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغان مۇھەممەد ئەلى خەيرىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئۆلتۈرگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

163289
يەنە بىر دىنىي ئۆلىما ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەدە يەنە بىر ئۆلىما ئۆلتۈرۈلدى؛ دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد ئەلى خەير پەيشەنبە كۈنى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

كېنىيە مۇسۇلمانلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئادان ۋاچۇ، ساقچى مەسئۇللىرى ۋە كېڭەش باشلىقى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئېمبۇ بازىرىدىن تېپىلغان جەسەتنىڭ مۇسۇلمان ئۆلىما مۇھەممەد ئەلى خەيرگە ئائىت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇسۇلمان ئەمەلدارلار، خەيرىنىڭ كېنىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئايدىمۇ ئىمام مارانگى مومباسانىڭ لىكونى مەھەللىسىدىكى بىلال جامەسىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بۇ قېتىمقىسىنى قوشقاندا كېنىيەدە مۇشۇ يىل ئىچىدە 4 دىنىي ئۆلىما ئۆلتۈرۈلگەن بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر