25 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى
ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 25 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلدى.
163283
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەبىلىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئامانلىق كۈچلىرى ئى ش ئى د نىڭ شەھەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى.
ئىراق ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەمۇ ھاۋادىن ياردەم قىلدى.
ئى ش ئى د ھۇجۇملىرىنى رامادى شەھىرىنىڭ ئەلھەۋز، سىججار، ئەلبۇرىشە ۋە ئەلبۇزىياب رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈردى.
ئىراقتا، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د كۈچلىرى ئارىسىدا ئى ش ئى د باشلامچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋېلىشىدىن كېيىن باشلانغان توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
ئامېرىكا باشلامچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرمۇ ئى ش ئى د قا تەۋە جايلارنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.