سۇرىيەدە ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشق ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ۋارىل بومبىلىق ھۇجۇمىدا 6 كىشى ئۆلدى، 40 كىشى يارىلاندى.
162334
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى تەرما رايونى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ 3 ىنىڭ نارىسىدە بالا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇمىدا بوۋاقلار بىلەن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 كىشى يارىلاندى.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە 6 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ يەر بىلەن يەكسان بولغانلىقى، كۆپ ساندىكى بىنالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى جاكارلاندى.
ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدىمۇ 45 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.