ئى ش ئى د كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرمىگەن

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى راككادا بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) ئېتىپ چۈشۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

159673
ئى ش ئى د كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرمىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا، «ئىسپاتلار تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىلگىرى سۈرگەندەك، ئايروپىلاننىڭ ئى ش ئى د تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى. ئەمما، ئىيوردانىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ «يوقاپ» كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە «ئەسىر ئېلىندى» دېيىلگەن ئۇچقۇچىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئى ش ئى د «ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن» ئايروپىلاندىن سالامەت قۇتۇلغان ئۇچقۇچىنىڭ فوتوگرافلىرىنى ئىنتېرنېتتە تارقاتقان ئىدى. ئىيوردانىيە بولسا، ئۇچقۇچىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئى ش ئى د نىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ، ئى ش ئى د دىن ئەسىر ئالغان ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچىغا خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر