پاكىستان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە

پاكىستاندا پۈتۈن پارتىيەلەرنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئالاھىدە سوت مەھكىمىسى قۇرۇلىدۇ.

159697
پاكىستان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەقسىتىدە بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر بىرلىككە كەلدى. بۇنىڭدا، بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ باشقۇرۇشىدا بىر ئالاھىدە سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قارار قىلىندى. باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف ئىسلامئابادتا سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چاقىرىلغان يىغىن نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئالاھىدە سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پاكىستاندا ئۆتكەن ھەپتە قانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە جەمئىي 132 ئوقۇغۇچى، توققۇز ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستاننىڭ كۈۋەيتا شەھىرىدە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىلغان موتوسىكلىتقا قويۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتىلىتىلدى، ۋەقەدە 30 ئادەم يارىلاندى. بۇ ۋەقەگە ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر