ھىندىستاندا بوكو مىلىتانلىرى تۆت يېزىغا ھۇجۇم قىلدى

ھىندىستاندا بوكو مىلىتانلىرىنىڭ تۆت يېزىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 75 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

160433
ھىندىستاندا بوكو مىلىتانلىرى تۆت يېزىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسسام ئىشتاتىدا بوكو مىلىتانلىرى بىر سائەت ئىچىدە تۆت يېزىغا بېسىپ كىردى. ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن بولۇپ 56 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما يېزىلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى رايونغا تەخمىنەن 5 مىڭ ئەسكەرنى تىك ئۇچار بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا يۆتكىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر