بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ لىيۇ شاۋبو توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېررىنىڭ لىيۇ شاۋبو قاتارلىق بەزى تۇتقۇنلار توغرىسىدىكى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى.

160101
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ لىيۇ شاۋبو توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى لىيۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېررىنىڭ لىيۇ شاۋبو قاتارلىق بەزى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى باياناتىغا جاۋابەن، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تىلغا ئېلىنغان دېلولاردا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خۇا چۈنيىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى شۇنداقلا ئىچكى ئىشلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچى لىيۇ شاۋبو 2009- يىلى خەلقنى دۆلەتنى پارچىلاشقا كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2010- يىلى قاماقتا يېتىۋاتقان مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر