52 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 52 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

155467
52 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند، پاكتىكا ۋە كۇنار شەھەرلىرىدە تالىبان مىلىتانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 28 مىلىتان ئۆلدى، توقۇنۇشلاردا 5 ئافغانىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ قەندەھار، ئۇرۇزگان، غەزنە، پاكتىكا ۋە پاكتىيا شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 24 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ مىقداردا قورال – ياراغ ۋە پارتلاتقۇچ قولغا چۈشۈرۈلدى.

تالىبان مىلىتانلىرى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 25 بومبا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى تەرىپىدىن چۇۋۇپ تاشلاندى. ئافغانىستان ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە مەيدانغا كەلگەن قانلىق مەكتەپ ھۇجۇمىدىن كېيىن تالىبانغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنىدى.

ئافغانىستان ۋە پاكىستان دائىرىلىرى، پاكىستان تالىبانىنىڭ مەكتەپ ھۇجۇمىدىن كېيىنلا يىغىن چاقىرىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى قارار قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر