گېرمانىيە يېڭى قوش پۇقرالىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

گېرمانىيەنىڭ پۇقرالىق ئىشلىرى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن يېڭى بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

154289
گېرمانىيە يېڭى قوش پۇقرالىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە پۇقرالىق ئىشلىرى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن «گېرمانىيەدە دۇنياغا كەلگەن چەت ئەللىك ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قوش پۇقرالىق» سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا دائىر تۈزۈم تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3- ئىيۇلدا فېدېراتىپ مەجلىس تەرىپىدىن ماقۇللانغان قانۇنىدىن 500 مىڭ ئەتراپىدا بالا ۋە ياشنىڭ پايدىلىنالايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. يېڭى قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن، گېرمانىيەدە توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە توغۇلغانلىقى سەۋەبىدىن گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى 21 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەتتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايدىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ بىر قىسىم شەرتلىرى بار. مەسىلەن، گېرمانىيەدە توغۇلۇپ 21 ياشقا كىرگۈچە كەم دېگەندە 8 يىل گېرمانىيەدە ياشىغان ياكى 6 يىل مەكتەپكە بارغان ياشلارغا قوش پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى قانۇندىن 1990- يىلىدىن كېيىن گېرمانىيەدە توغۇلغان چەت ئەللىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى پايدىلىنالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆچمەن ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى «تاللاش مودېلى» سىياسىتى دائىرىسىدە 18 ياش بىلەن 23 ياش ئارىسىدا گېرمانىيە پۇقرالىقى ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ دۆلىتىنىڭ پۇقرالىقىدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر