د 8 رەھبىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گوروھى (د8) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سەييىد ئەلى مۇھەممەد مۇسەۋى، تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

154709
د 8 رەھبىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گوروھى (د8) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سەييىد ئەلى مۇھەممەد مۇسەۋى، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە 132 سى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 148 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان مەكتەپ ھۇجۇمىدىن كېيىن بىر كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

ۋەقەنىڭ سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مۇسەۋى، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئىسلام دۇنياسى ۋە دۇنيادا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.

بەزى ئىسلام ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشلار ئۈستىدىمۇ توختالغان مۇسەۋى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە سودىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر