ئامېرىكىنىڭ «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەشلىرى داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاساسلىق كۆپ قىسمى پاراشوتچىلاردىن تەركىپ تاپقان 300 كىشىلىك ھەربىي ئەترەتنى ئىراققا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

154152
ئامېرىكىنىڭ «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەشلىرى داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاساسلىق كۆپ قىسمى پاراشوتچىلاردىن تەركىپ تاپقان 300 كىشىلىك ھەربىي ئەترەتنى ئىراققا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ئاي ئىراققا ئەۋەتىلىدىغانلىقنى ئېلان قىلىنغان 1500 نەپەر ئەسكەردىن 1300 نەپىرىنىڭ يېڭى يىلدا ئىراققا بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پالاتا خامچۇتنى تەستىقىلىغاندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا تەخمىنەن 1000 غا يېقىن ئەسكەرنىڭ ئىراققا ئەۋەتىلىشىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئىراقتا بارىدىغان ئەسكەرلەر ئىراقتا 9 ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ۋە ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. بۇلارغا قوشۇمچە ئەۋەتىلىدىغان 300 نەپەر ئەسكەر بولسا، ئىستىخبارات، قاتناش ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئىراقتا ھازىر تەخمىنەن 1600 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر