پەلەستىنلىكلەر يەھۇدىي كۆچمەنلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تۇرمۇسەييا يېزىسىدا يەھۇدىي كۆچمەنلىرى ۋە توسۇق تامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

153195
پەلەستىنلىكلەر يەھۇدىي كۆچمەنلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش بىلەن مۇداخىلە قىلدى.
مۇداخىلە جەريانىدا 7 كىشى يارىلاندى، بىرى ئامېرىكىلىق بولۇپ جەمئىي 4 كىشى قولغا ئېلىندى.
تۇرمۇسەييا يېزىسىدا ئۆتكەن ھەپتىمۇ پەلەستىنلىك مىنىستىرى زىياد ئەبۇ ئەين زەيتۇن ئورمىنى تىكىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىدى.
پەلەستىنلىكلەر ھەر جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە توسۇق تامغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ نامايىشلىرىغا كۆپ ھاللاردا ئوق چىقىرىش ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر