ئى ش ئى د نۇقتىلىرىغا ئۈچ كۈندە 67 بومباردىمان

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق قىسىم، ئۈچ كۈندە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نۇقتىلىرىنى 67 قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

152518
ئى ش ئى د نۇقتىلىرىغا ئۈچ كۈندە 67 بومباردىمان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى 15- 17 – دېكابىر كۈنلىرى سۈرىيەدە ئى ش ئى د نۇقتىلىرىنى ئالتە قېتىم بومباردىمان قىلغان. ئىراقتا بولسا، ئوخشاش كۈنلەردە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار 61 قېتىم ئى ش ئى د نۇقتىلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان. سۈرىيەدە كوبانى ۋە ئەبۇ كامال ئەتراپى بومباردىمان قىلىنغان. كوبانى ئەتراپىدىكى ھاۋا بومباردىماندا، ئى ش ئى د نىڭ بىناسى، ئامبار ۋە تاكتىكىلىق جايلىرى، قورال – ياراغ ئىسكىلاتى ۋەيران قىلىنغان. ئەبۇ كامال ئەتراپىدىكى بومباردىماندا، ئى ش ئى د نىڭ تاكتىكىلىق قاتناش ۋاستىلىرى پاچاقلىنىپ تاشلانغان.
ئىراقنىڭ مۇسۇل ئەتراپىدا سەككىز، تەلافەر ئەتراپىدا ئىككى، ھىت راۋا، ئەربىل ۋە رامادى ئەتراپىدا بىردىن ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغان. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسىدە، ئى ش ئى د نىڭ ئۇرۇش نۇقتىلىرى، تاكتىكىلىق قىسىملىرى، ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلىرى ۋە ئاپتوبىللىرى نىشانغا ئېلىنغان.
باياناتتا يەنە، خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ئى ش ئى د بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىملىرى) ۋە ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ئايرىم 45 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھۇجۇملاردا بولسا، ئى ش ئى د نىڭ 50 نۇقتىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر