ئامېرىكا بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى 60 يىللىق مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – كۇبا مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

152095
ئامېرىكا بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى 60 يىللىق مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبا، 5 يىلدىن بۇيان ئاسارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ياردەم ئەترىتى خادىمى ئېلىن گروسنى قويۇپ بەردى.

كۇبادا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان پىرېزىدېنت باراك ئوباما، ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كۇباغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ يەڭگىللىتىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئوباما، ھاۋانا دائىرىلىرىنى ئىقتىسادىي ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈمىكى ئالدىمىزدىكى ئايدا ھاۋانادا ئامېرىكا – كۇبا كۆچمەنلىك مۇزاكىرىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر فىدېل كاسترونىڭ 1959 – يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بارغانچە يىرىكلىشىپ، كۇباغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار نەتىجىسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرمۇ 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۇرغۇن ھالەتتە ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى، ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۇبادا زىيارەتتە بولغان تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر