خىتاينىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىشى «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك»مۇ؟

خىتاينىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك»گە كىرەمدۇ؟

152631
خىتاينىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىشى «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك»مۇ؟

غەرب تاراتقۇلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدا ھېچقانداق سىياسىي مەنپەئەت كۈتمەستىن ئېلىپ بېرىۋاتقان «سېخىلارچە»ئىش-ئىزلىرىنى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك دەپ ئەيىبلىدى.
8-دېكابىردا خىتاي سودا مىنىستىرلىكى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى ئافرىقىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى ئافرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى يۆتكەش، بازار ئىگىلىۋېلىش، دەپ ئەيىبلىشى ھەققىدە بايانات بېرىپ، «ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسسىزدۇر، بۇ ناھايىتى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر» دېدى.
خىتاي ئافرىقىغا تاشقى ياردەم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقىلى 60 يىل بولغان بولۇپ، بۇ سىياسىتى خەلقئارادا مۇئەييەن ئورۇنغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، بەزى سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
12-دېكابىر ماداغاسقاردا خىتاي ھەمكارلىقىدىكى شېكەر زاۋۇتىدا قالايمىقانچلىق كېلىپ چىققان بولۇپ، 2 ئادەم ئۆلگەنىدى، نىكاراگۇئا چوڭ قانال قۇرۇلۇش لايىھەسىدە خىتاي ئىشچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، بۇ سەۋەبتىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ تاشقى سىياسىتى دائىرىسىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىرتقا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى جەريانىدا، خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئافرىقىدا پات-پات ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» دەپ تەرىپلەپ كەلگەن بولسا، بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئىشنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
بىر ئانالىزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالدى. بەلكىم ئۇلار بەزى ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك ئىشچىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.»
«يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» تەدبىرى ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، يەرلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىدۇر.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئافرىقا ئەللىرىدىكى دۆلەت باشلىقىلىرىغا زور دەرىجىدە پارا بەرگەن. بۇ ئەھۋالدىن يەرلىك خەلق ئىنتايىن نارازى ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر