ئوباما، 148 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قانلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە يۈز بېرىپ، 148 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈنۈگۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئەيىبلىدى.

149917
ئوباما، 148 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قانلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت باراك ئوباما ۋەقە ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىشاۋۇردىكى ھەربىي مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى ‹ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقى› نى ئەسكەرتتى. باياناتىدا، «دۇئالىرىمىز قۇربانلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن بىرگە» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن ئوباما، «تېررورچىلار، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئەخلاقسىزلىقلىرىنى نامايان قىلدى» دېدى.

پاكىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن پىرېزىدېنت ئوباما باياناتىنى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش بىلەن رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقلىرى يولىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىمىز توغرىسىدىكى ۋەدىمىزنى تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر