ئافغانىستان ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىككى ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

149914
ئافغانىستان ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرى ئىككى ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 2 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 ساقچى يارىلاندى.

ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 4 نەپىرى پاكىستان تالىبانى بولۇپ جەمئىي 11 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى؛ نانگارھار شەھىرىگە يېقىن بىر يەردە مىلىتانلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق بىر ماشىنا بىلەن كېتىۋاتقاندا بومباردىمان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پاكىستان تالىبان تۈنۈگۈن پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

نانگارھار شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان ئىككى ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇمدا 2 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىرىنچى ھۇجۇمنىڭ ئەتىگەن تەرەپتە پاكىستان كونسۇلخانىسىغا يېقىن يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ساقچى ئاپتوموبىلغا قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 4 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئىككى ھۇجۇمنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر