ۋېنگىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋېنگىرىيەدە خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

148733
ۋېنگىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بۇداپېشتتە مىڭلارچە ئادەم 2015-يىللىق خامچوت قانۇن لايىھىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان تەقدىردە ئىجتىمائىي ياردەملەر بىلەن مائارىپ راسخوتلىرىنىڭ زور مىقداردا ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا راسخوت قانۇن لايىھەسنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلارغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
ھۆكۈمەتنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى ئىقتىسادى تەدبىر پىلانلىرىنى يولغا قويمايدىغانلىقىغا دائىر ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر خامچوت لايىھىسى تۈزۈش ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر