شىنزۇ ئابى غەلىبە قىلدى

ياپونىيەدە 14 – دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا، ھازىرقى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى.

148869
شىنزۇ ئابى غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە 14 – دېكابىر ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. ھازىرقى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن شىنزۇ ئابى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت يەنە تۆت يىل دۆلەتنى باشقۇرىدۇ.
رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 475 پارلامېنت ئەزاسى بەلگىلەنگەن سايلاملاردا ھازىرقى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ئاۋام پالاتا مەجلىسىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. ناچار ھاۋا شارائىتى ۋە بىر قىسىم رايونلارغا ياغقان قار سەۋەبىدىن سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. 105 مىليون تىزىمغا ئېلىنغان سايلىغۇچى بار بولغان ياپونىيەدە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %35 دە قالغان.
2012 – يىلدىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى بىلەن ئاتلانغان شىنزۇ ئابى، دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ نىشانغا يەتكەن بولسىمۇ، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان ئېكسپورتتىكى چۈشۈش ۋە مال باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلىشى ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچنى تەۋرىتىپ قويغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلام، شىنزۇ ئابى باشلىغان ۋە «ئابى ئېكىنومىكس» دەپ نام بېرىلىپ 2012 – يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان پۇل ھەمدە مىكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ئۈچۈن ئىشەنچ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر