رۇسىيە شەرقتىكى رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى رايوننىڭ كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

149689
رۇسىيە شەرقتىكى رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرىدىغان «ھەل قىلىش چارىسى» نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ رۇسىيە ئنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى رايوننىڭ كىيېۋ ھۆكۈمىتىدە قېلىشى ئۈچۈن بارلىق رايونلار ۋە سىياسىي تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك ۋە لۇخانسىكتا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ھەتتا «نامدىكى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى» نى سايلىغان رۇسىيەپەرەسلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلانغان 2014 – يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ 4700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش توختىتىش باشلانغان سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان 1300 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر