مەھمۇد ئابباس: ب د ت دىن كومىتېت قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز

مەھمۇد ئابباس ب د ت دىن تەكشۈرۈش كومىتېت قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

148819
مەھمۇد ئابباس: ب د ت دىن كومىتېت قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخلىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىن مىنىستىرى ئايىننىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن كومىتېت قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مەھمۇد ئابباس يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قۇرۇلىدىغان كومىتېت ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئابباسنىڭ قۇرۇلماقچى بولغان ب د ت كومىتېتىدىن «پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ھاسىل بولغان كېلىشىم غەززەنى يېڭىدىن بىنا قىلىش، تىنچ يول بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش، خەلقئارا كېلىشىملەرگە تەرەپ بولۇش، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرىنى بېكىتىش»كە ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
پەلەستىنلىك مىنىستىر زىياد ئەبۇ ئايىن راماللاھنىڭ شىمالىدىكى تۇرمۇساۋيېې رايونىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارغا مۇخادىلە قىلىشى ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. ياش ئاققۇزۇش بومبىسىغا دۇچ كەلگەن ئەبۇ ئايىن «بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ قورالنىڭ دەستىسى بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇشى نەتىجىسىدە» ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر