مىسىردا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 11 ئادەم قازا قىلدى

مىسىردا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

147862
مىسىردا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 11 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا بىر يۈك كېمىسىنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە بېلىقچى كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 11 ئادەم قازا قىلدى.
كېمە خادىملىرىدىن 11ى قۇتقۇزۇلدى، قالغان 18 ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار سەپەرۋەلىككە كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ۋەقەگە سەۋەب بولغان ئىتالىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر يۈك كېمىسىنىڭ ئىتالىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى جىددە پورتىغا مېڭىۋاتقانلىقى، كېمىدە 256 مىڭ توننا يۈك بارلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر