ب د ت قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ھايتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلارغا ئوق چىقاردى.

147761
ب د ت قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پورت ئاۋ پرىنستا مىڭلارچە كىشى، ئۇزۇندىن بۇيان كېچىكتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە قاراپ يۈرىدى.

نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى، ۋەقەگە ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئارىلاشتى؛ يوللارنى توسۇپ كامېرلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

نامايىشلاردىن كېيىن پىرېزىدېنت مىشېل مارتېللى، باش مىنىستىر لورېن لاموت ئىستىپا بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

ب د ت نىڭ ھايتىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر