ئىسرائىلىيە، پەلەستىن يىغىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىسرائىلىيە، 17 – دېكابىردا جەنۋەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان پەلەستىن يىغىنىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

145653
ئىسرائىلىيە، پەلەستىن يىغىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھائارېتز گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە يىغىننى بايقۇت قىلىش بىلەن بىرگە شىۋېتسىيە بىلەن بولغان باشقا دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.

شىۋېتسىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان يىغىنغا تۆتىنچى جەنۋە ئەھدىنامىسىگە تەرەپ بولغان 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە؛ يىغىندا، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق، شەرقىي قۇددۇس ۋە غەززەدە ۋەزىيىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

1949 – يىلى ئىمزالانغان، 1950 – يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان جەنۋە ئەھدىنامىسى، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ۋە ئىشغال ئاستىدا ياشاۋاتقان پۇقرالارنى قوغداشنى ۋەدە قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە تۆتىنچى جەنۋە ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەت بولسىمۇ، ھازىرغىچە قانۇن سۈپىتىدە ماقۇللىمىدى.

غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستا قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلارغا ‹ئىشغال ئاستىدىكى رايونلار› دەپ ئەمەس، ‹دەتالاشلىق رايونلار› دەپ قارايدىغان ئىسرائىلىيە، قۇرۇپ چىققان يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قانۇنسىز ئەمەسلىكىنى ۋە ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى 2 – ئاپرېلدىن باشلاپ ئەھدىنامىگە تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر