ناتو 5 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 5 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

144851
ناتو 5 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پەرۋان شەھىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بەش نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پەرۋان ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى مۇھەممەد زامان ماموزاي مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رايوندىكى تالىبان مىلىتانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ باردى، بىراق بىر باغدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بەش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويدى.»
ناتونىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىشانغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمەس بەلكى تالىبان مىلىتانلىرى ئىكەن. ناتو بۇلتۇر ئوخشاش رايوندا ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ 13 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر