غەرب ئەللىرى، قوبۇل قىلالايدىغان سۈرىيەلىكلەر سانىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ، تۈركىيە ۋە باشقا قوشنا ئەللەرنىڭ مۇساپىرلار يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە 100 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىكنى دۆلەتلىرىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

142853
غەرب ئەللىرى، قوبۇل قىلالايدىغان سۈرىيەلىكلەر سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ۋە باشقا قوشنا ئەللەردە تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنى باشقا ئەللەرگە يۆتكەپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يىغىنغا بەزىلىرى مىنىستىر سەۋىيەسىدە بولۇپ، 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى، دۆلەتلىرىگە قوبۇل قىلىدىغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەدىلىرىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى ب د ت، تەرەققىي تاپقان ئەللەرنى تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىشقا، خۇسۇسەن 2016- يىلىغىچە 130 مىڭ سۈرىيەلىكنى كۈتۈۋېلىشقا چاقىرغانىدى؛ يىغىندا، شىۋېتسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەڭ كۆپ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 9 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ب د ت ئالىي كومىسسارى ئانتونىئو گۇتېررېس، «2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 130 مىڭ سۈرىيەلىكنى تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى ۋە «تۈركىيەدىكى لاگېرلاردىن زوقلىنىمەن. تۈركىيەدىكى لاگېرلار ب د ت لاگېرلىرىدىن قاتمۇقات ياخشى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل بويىچە قوبۇل قىلىدىغان ئومۇمىي سۈرىيەلىكلەر سانى، ئى ش ئى د زوراۋانلىقىدىن قېچىپ 3 كۈن ئىچىدە تۈركىيەگە كەلگەن 200 مىڭ سۈرىيەلىك سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر