ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرلىرى كېچىكتۈرۈلدى
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇزاكىرلىرى كېچىكتۈرۈلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئىزچىل دەپسەندە قىلىپ كېلىنىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇزاكىرىلىرى كېچىكتۈرۈلدى.
بۈگۈن مىنسىكتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان «ئۇكرائىنا-رۇسىيە-ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچ تەرەپ گۇرۇھى» 3-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بۈگۈن يىغىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا» دېدى.
5-دېكابىردا ئىجرا قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن بىرلىكتە 6-دېكابىردا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى، بىراق ئوق ئاۋازى بېسىقمىدى.
ئۇكرائىنا كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ 64 قېتىم ھۇجۇم قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا 2 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە ئالدىن پۇل تۆلىگەن ئۇكرائىناغا تەبىئىي گاز يۆتكەش خىزمىتىنى ئارىلىقتىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم باشلىدى.
ئۇكرائىنانىڭ تەبئىي گاز تىرانسپورت شىركىتى ئۇكراترانسگاز: «گاز توشۇش خىزمەتلىرى مۆلچەردىكىدىن 2 كۈن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.