ئولاند، موسكۋادا زىيارەتتە بولدى

قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند تويۇقسىزلا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى.

139255
ئولاند، موسكۋادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند موسكۋا ئايرودۇرۇمىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئولاند، كىرىزىستىن كېيىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى غەربلىك رەھبەر بولدى.

ئولاند ئۇچرىشىشتا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە بىرلىكتە چارە تېپىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پۇتىن، ئۇكرائىنادا يېقىن كېلەچەكتە ئۈزۈل – كېسىل ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، دۆلىتىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك بولغان، لېكىن ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پارىژ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلۇشى كېچىكتۈرۈلگەن ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە كېلىشىمدىكى شەرتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولاند ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەرنى ئايرىپ تۇرۇۋاتقان سېپىللاردىن ھالقىشقا تىرىشقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنادىكى كىرىزىسنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلار داۋام قىلماقتا؛ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، ئالدىمىزدىكى ھەپتە رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مىنىسكتە كۆرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇچرىشىشتا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر