غەرب ئەللىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشتى

غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشتى

140488
غەرب ئەللىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇئا ئولەند، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئېلايسې سارىيىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئولەندنىڭ ئۇكرائىنادىكى كىرزىس ھەققىدە مېركېل ۋە پوروشېنكو بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
ئولەند شەنبە كۈنىمۇ قازاقىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ موسكوۋاغا كەلگەندە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇكرائىنا كىرزىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «گ 20 دۆلەت گۇرۇھى دائىرىسىدە باشلىغان مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا. ھەم فىرانسىيە ھەمدە رۇسىيە بۇنى ئارزۇ قىلىدۇ. 6-ئىيۇندا بىرلىكتە ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىشنى قارار قىلغانىدۇق. ئانگېلا مېركېل بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشتۇق. رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ تىگىشلىك چارىلەرنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر