Interpol، قەرداۋى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol، دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

139099
Interpol، قەرداۋى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol، مىسىرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

مەركىزىي ليونغا جايلاشقان خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان قاراردا، مىسىر ۋە قاتارنىڭ پۇقراسى بولغان يۇسۇف ئەلقەرداۋى ئۈستىدىن «قەستەن ھالدا جىنايەت سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ۋە ياردەم قىلىش، مەھبۇسلارنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلىش، ئوت قويۇش، ئۇرۇپ – چىقىش ۋە بولاڭچىلىق قىلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىدا، بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن قەرداۋىنىڭ ئۈچ دانە فوتو – سۈرىتىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

قاتاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قەرداۋى، مىسىردا سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۇنجى پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىغا قارشى چىققان ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىگەنىدى.

مىسىر تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەرداۋىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، 2013- يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا قەرداۋى ئۈستىدىن قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – İnterpol بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىسىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) نىڭ بىر قاتار مەسئۇللىرى ئۈستىدىنمۇ قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر