پاكىستاندا ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى
تۇقۇنۇشتا ئەلقائىدە رەھبىرى شۈكرىجۈمە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى 3 نەپەر مىلېتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى.
پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئادنان ئەل شۈكرىجۈمە ۋە ھەمراھلىقدىكى 3 نەپەر مېلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلەنگەن ئالاھىدە مەخپىي ئىستىخباراتتىن كېيىن قەبىلىلەر رايونى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبىي ۋەزىرىستاننىڭ شىنۋارساق رايونىدا مەلۇم بىر پاناھجايغا ئەتىگەن سەھەردە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى.
ھەربىي ھەرىكەتتە ئەلقئادەنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەدنان ئەل شۈكرىجۈمە ۋە ھەمراھلىقىدىكى مېلىتانلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تۇنۇش يۈز بەردى.
بۇ ھەقتە پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تۇقۇنۇشتا ئەلقائىدە رەھبىرى شۈكرىجۈمە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى 3 نەپەر مىلېتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئەلقائىدە رەھبىرىدىن باشقا بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.
پاكىستان قۇرۇغلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باش قوماندانى گېنېرال راھىل شەرىف ھەربىي ھەرىكەتنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە سۆزىدە: «دۆلىتىمىز زېمىنىدىن بارلىق تېررورچىلارنى يوقۇتۇپ بولغانغا قەدەر ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي: پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايمىز
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.