چۇك ھاگېل ئافغانىستاندا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

ئۇچرىشىشتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇش خىزمىتى تېمىسى ۋە تالىبان قاتارلىق باشقا قوراللىق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

138992
چۇك ھاگېل ئافغانىستاندا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۇك ھاگېل ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چۇك ھاگېل ئاخىرىقى چەت ئەل زىيارىتىنى كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئافغانىستاندا ئېلىپ باردى.
چۇك ھاگېل رەسمىي يوسۇندا ئېلىپ بارغان بۇ ئاخىرقى زىيارىتىدە، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى مۇھەمەد ئەشرەف غەنى، ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئۇچرىشىشتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇش خىزمىتى تېمىسى ۋە تالىبان قاتارلىق باشقا قوراللىق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
چۇك ھاگېل ئالدىنقى ھەپتە ۋەزىپسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئاشتون كارتېر تەستىقلانغانغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داملاشتۇرۈپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر