ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

ئۇكرائىنادا بىر كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

138280
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ھۆكۈمەت بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى «9-دېكابىردا بىر كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، ئىككىنچى كۈندىن باشلاپ مۇددەتسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدا قەدەملەر تاشلىنىدىكەن.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكونىڭ ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. دونېتسكتە رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى ئاندرېي پۇرگىن كېلىشىمىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
پۇرگىن مۇنداق دېدى: «ئايرۇدۇرۇم ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلدۇق ۋە مىنىسك كېلىشىمىنىڭ كونكرېت ماددىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان ۋاقىتلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشقا ئاز قالدۇق.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر