ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئامېرىكىدا ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ سوتلانمايلا قويۇپ بېرىلىشىگە قارىتا نارازىلىقلار بىلدۈرۈلمەكتە.

138166
ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچىلارنى ئاقلاش قارارلىرىغا نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە.
فېرگۇسوندىن كېيىن نىيۇيوركتىمۇ بىر ئاق تەنلىك ساقچىنىڭ ھېچقانداق ئەيىبلەنمەستىن قويۇپ بېرىلىشىگە قارىتا نۇرغۇن شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نيۇيورك ۋە ۋاشىنگىتون بولۇپ نۇرغۇن شەھەردە ئادالەت تەلەپ قىلغان مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشلاردا ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇئامىلە قىلىشى ۋە مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ ھېچقانداق ئەيىبلەنمەستىن قويۇپ بېرىلىشىگە نارازىلىقلار بىلدۈرۈلمەكتە.
نامايىشچىلار ھاياتىدىن ئايرىلغان گارنېر نازارەت ئاستىدىكى چېغىدا ساقچىلارغا قايتا-قايتا دېگەن «نەپەس ئالالمايۋاتىمەن» دېگەن جۈملىسى ۋە «ئادالەت بولمىسا تىنچلىقمۇ يوق» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلدى.
فېرگۇسوندا مايكېل بىروۋىنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنى سوتلاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىغا قارار بېرىلىشىدىن كېيىن نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە، نىيۇيوركتىنمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئىرقچىلىق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ ئالدى.
پىرېزىدېنت ئوباما قاتارلىق رەھبەرلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر