بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاق دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

ئاق دېڭىزىدا گىرېتسىيەگە تەۋە بىر ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتتى

138156
بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاق دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەگە تەۋە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى گىرىت ئارىلىدا چۈشۈپ كەتتى. گىرىتسىيەگە تەۋە گىرىت ئارىلىنىڭ 15 مىل جەنۇبىغا جايلاشقان گاۋدوس ئارىلىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان گىرېتسىيە ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ موتورىدىن كاشىلا چىقىش سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە ئەسناسىدا بىر ئۇچقۇچىنىڭ پاراشوت ئارقىلىق دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىدىن كېيىن رايونغا يېتىپ كەلگەن ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
گىرېتسىيەدىكى خەۋەر تور بەتلىرىدە ئايروپىلاننىڭ ھانيا ھەربىي ئايرۇدۇرۇمىدىن قوزغالغاندىن كېيىن 15 مىنۇتتىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر