ئىخۋاننىڭ «تېررورچى» ئېلان قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپ رەت قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى (ئىخۋان) نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىگە دائىر تەلەپلەرنى رەت قىلدى.

136790
ئىخۋاننىڭ «تېررورچى» ئېلان قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپ رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆتكەن يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىمزاسى بىلەن سۇنۇلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىخۋان ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھېچبىر شەكىلدە زوراۋانلىققا كۆز يۇممايدىغانلىقى ۋە تىنچ ئۇسۇلدا سىياسىي مۇساپىگە ئىشتىراك قىلماقچى بولغان گۇرۇپپىلارغا بولغان تونۇشىنىڭمۇ ئېنىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىلتىماستا ئىخۋاننىڭ ئۆتمۈشتە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە پەلەستىندىكى ھاماس ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى قەيت قىلىنىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

2013- يىلى مارت ئېيىدا مىسىرنىڭ ئىخۋاننى تېررورىست گۇرۇپپا، دەپ ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپلا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر