ئەل قائىدە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالدى

ئەل قائىدە ئامېرىكلىق ژۇرنالىستنى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالدى

137405
ئەل قائىدە ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالدى

يەمەندىكى ئەل قائىدە تەشكىلاتى تەلەپلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن 3 كۈن ئىچىدە ئورۇندالمىغان تەقدىردە، لۇكې سومېرسنى ئۆلتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تەشكىلاتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئودا ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر كىشى: «ۋاشىنگىتون تەلەپلىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلارغا تەلەپلىرىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن 3 كۈن مۆھلەت بەردۇق. ئەكسىچە ئامېرىكىلىقنى ئۇ دۇنياغا يوللايمىز» دېدى.
ۋىدىئودا قاماقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىپادە قىلغان ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سومېرس مۇنداق دەيدۇ: «ئېلىپ قېچىلغانلىقىمغا 1 يىلدىن ئاشتى. ياردەمگە ئېھتىياجىم بار. بۇ يەردە ئولتۇرۇشتىن باشقا قىلىدىغان ئىش يوق، مېنى تۇتۇۋالغانلارغا يالۋۇرىمەن. مېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭلار. ھاياتىم قاتتىق خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر