خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى تەسلىم بولدى

خوڭكوڭدا «مەركەزنى ئىشغال قىل» ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ كاتتىۋىشى ساقچىغا تەسلىم بولدى.

136241
خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزگەن گۇرۇپپىلاردىن «مەركەزنى ئىشغال قىل» ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ كاتتىۋىشى ساقچىغا تەسلىم بولدى.
بېننىي تەي، چۇ يىمىڭ ۋە چان كىڭمەن قاتارلىق ئۈچ كاتتىۋاش بۈگۈن ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ تەسلىم بولغان، ئۈچ كاتتىۋاش تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدىن ساق سالامەت قايتىپ چىققان.
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پىروفېسسورى بېننىي تەي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نازارەت ئاستىغا ئېلىنمىدۇق. ئەركىنلىكىمىز ھېچقانداق چەكلمىگە ئۇچرىماستىن ساقچى ئىدارىسىدىن قايتىپ چىقتۇق» دېدى. تەي يەنە؛ «بۇ مەسىلە ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس، بەلكىم كېيىنچە بىزنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى ، ھەتتا ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىشىشىمۇ مۇمكىن.بۇنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ» دېدى.
ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى تەيگە نامايىشنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا كوچىلارغا توساق قۇرۇشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنىڭ دېيىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بۈگۈن 62 نامايىشچىنىڭ قانۇنسىز نامايىشلارغا قاتناشقانلىقلىرىنى ئېيتىپ ساقچىغا تەسلىم بولغانلىقلىرى ئۇقتۇرۇلدى.
خوڭكوڭ خەلقىنىڭ 2017-يىلدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامدا ئۆز ۋالىيسىنى سالىيالايدىغانلىقىنى، بىراق نامزاتلارنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى. بۇنىڭغا قارىتا خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆز ۋالىيسىنى سايلىشىغا رۇخسەت بېرىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. رايوندا 28-سىنتەبىردىن ھازىرغىچە داۋاملاشقان نامايىشلاردىمۇ يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 518 ئادەم يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر