كېنىيەدە بىر كان ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئىشچى ئۆلدى
كېنىيەدە كانغا ھۇجۇم قىلىنىپ 36 ئىشچى ئۆلدى
211233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەدە بىر كانغا ھۇجۇم قىلىنىپ 36 ئىشچى ئۆلدى.
ھۇجۇم كېنيانىڭ شىمالىغا جايلاشقان ماندېرا شەھىرىدىكى بىر كاندا مەيدانغا كەلدى.
سومالى چېگرىسىغا يېقىن بىر يەردە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شاباپ ئۈستىگە ئالدى.