خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى ئارىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار بولدى

سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭ نامايىشلىرى باشقىچە تۈس ئېلىشقا باشلىدى.

211255
خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى ئارىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپ سانلىقى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تۈركۈم نامايىشچى ئاچلىق ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى. يەكشەنبە كۈنى كەچتە چىقىرىلغان قارارنى ئىجرا قىلىشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئۈچ كىشى، نامايىشچىلارنى نامايىشلارنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدىكى ئورۇنلىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. ئىككى پىروفېسسور بىلەن بىر راھىب تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چاقىرىقتا، ساقچىلارنىڭ كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى، نامايىشچىلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر يارىلىنىشلارغا دۇچار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر