يانفونىڭىزغا 30 سىكۇنتتا توك قاچىلاشنى خالامسىز؟
بىر ئىسرائىلىيە شىركىتى، نانودوت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ توك قاچىلاش مۇددىتىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قىسقارتىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
210051
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر شىركەت، نانودوت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ توك قاچىلاش مۇددىتىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قىسقارتىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
نانودوتلار ئېلېكتىر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ئىنچىكە بىيو – ئورگانىك كىرىستاللارنىڭ سايىسىدا باتارىيەگە كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە تولۇق توك قاچىلاپ بولىدۇ.
بۇ ئاپپارات نۆۋەتتە ئەقىللىق تېلېفونلارغا سىغمىغۇدەك دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، كىچىكلىتىلىشى ۋە تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىككى يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ قارالماقتا.